گرۇزىيە بىلەن ئابخازىيە ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى زورايماقتا
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.05.04
2008.05.04
رۇسىيىنىڭ "newsru" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گرۇزىيە تەرەپ بۇ ئۇچۇرنى ئىنكار قىلغان، نۆۋەتتە، گرۇزىيە بىلەن ئابخازىيە ۋەزىيىتى مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىل جىددىيلىك ئالدىنقى ئايدا ئەسلىدە ۋە نامدا گرۇزىيىگە تەۋە بولغان، ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ كەلگەن ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رۇسىيە، ب د ت ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا ئۇرۇنۇشى بىلەن باشلانغان ئىدى. نەتىجىدە، بۇ رايوندىكى ۋەزىيەت كۈنسايىن ئېغىرلاشتى.
ئابخازىيە تەرەپ بولسا، تىبلىس ھۆكۈمىتىنىڭ چېگراغا ئەسكەر توپلاۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئابخازىيىگە ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر چېگرا جايلاردا 7 - 8 مىڭ گرۇزىن ئەسكىرى، تانكا ۋە برونىۋىكلار توپلانغان بولۇپ، تېز ئارىدا ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروپ، گرۇزىيىنىڭ ب د ت نىڭ قارارلىرىنى بۇزغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
نۆۋەتتە، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا گرۇزىيىنىڭ ئابخازىيىگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپەيگەن. گرۇزىيە ناتو غا كىرىشكە تەييارلانماقتا. بۇ ئەھۋال رۇسىيىگە ياقمىغان بولۇپ، نەتىجىدە ئابخازىيە ۋە باشقا مەسىلىلەر جىددىيلەشكەن.









