گرۇزىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى

گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشۋىلى 8 ‏ - ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنى كەچتە، گرۇزىيىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسى ئاساسىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا يېقىندا رۇسىيە ئىشغال قىلىۋالغان گرۇزىيە تېررىتورىيىسىدىكى ئىككى جاينى رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى رايونلار دەپ جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشۋىلى گرۇزىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىغاندا يەنە، ئوكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلاشقا چاقىرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما غەرب دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيە دېموكراتلىرى بولسا، ھازىرقى ۋەزىيەتتە گرۇزىيىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلىكىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىماقتا.