رۇسىيىنىڭ ھىمايىسىدىكى گرۇزىيىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جەنۇبىي ئوسسىېتىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي ئوسسىېتىيىنىڭ پايتەختى تېسخىنۋالى شەھىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئىككى كۈن ئىچىدە 1600 كىشى ئۆلگەن ۋە 90 كىشى يارىلانغان.
گرۇزىيە پرېزىدېنتى مىخائىل ساكاشۋېلى شەنبە كۈنى تىبلىسىتا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 1979 - يىلىدا ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىگە ئوخشاتتى.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيىگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى گرۇزىيىنى جەنۇبىي ئوسسىېتىيە كۈچلىرى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت ئىكەن.
بۇ ئارىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش شەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنى دەرھال گرۇزىيە قىسىملىرىغا قاراتقان بومباردىمان ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ۋە پۈتۈن تەرەپلەرنى ھەربىي قىسىملىرىنى 6 - ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئورۇنلىرىغا چېكىندۈرۈشكە چاقىردى.
رۇسىيە جۈمە كۈنى ئەتىگەن، گرۇزىيە ھەربىي قىسىملىرى جەنۇبىي ئوسسىېتىيە رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن كېيىن، گرۇزىيە قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيىدىكى رۇس تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنوبىي ئوسسېتىيىگە ھەربىي قىسىملىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى.
