خالىد شەيىخ مۇھەممەت 2003 - يىلى پاكىستاندا قولغا چۈشۈپ 3 يىلدىن كېيىن گۈەنتانامودىكى تۈرمىگە يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئاممىۋى سورۇندا كۆرۈنۈشىدۇر. ئۇ، ئاقلىغۇچى ئادۋۇكات تۇتۇشنى رەت قىلدى.
خالىد شەيىخ مۇھەممەد بىلەن تەڭ سوتقا چىقىرىلغان قالغان 4 كىشى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق گۇماندارلىرىدىن يەمەنلىك رەمزى بىنالشىخ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مۇستافا ئەخمەد ئەل - ھاۋساۋى، ئامار ئەل - بالۇچى، يەمەنلىك ۋالىد بىن ئاتاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سوتچى پولكوۋنىك رالف كولمان، خالىد شەيىخ مۇھەممەدكە ئەگەر جىنايىتىنىڭ راستلىقى مۇقىملاشسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەردە خالىد شەيىخ مۇھەممەتنىڭ " بەش يىلدىن بېرى شېھىد بولۇشنى كۈتۈۋاتىمەن "دېگەنلىكىنى يازدى.
بۇ كىشىلەر ئامېرىكا ھەربىي تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنى پەيدا قىلىش يولىدا 169 تۈرلۈك دەلىل - ئىسپاتى تولۇق جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدە ئۆلگەن 2973 نەپەر پۇقرانىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولۇش جىنايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شۇ كۈنكى سوتقا خەلقئارا مەتبۇئات ئورگانلىرىدىن 60 نەپەر مۇخبىر قاتناشقان. لېكىن بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۇتقۇنلار ئۇچرىغان مۇئامىلە ۋە ھەربىي سوتنىڭ قانۇنىيلىقىنى تالاش - تارتىش قىلماقتا.
