ئولىمپىك مەشئىلىنى يېڭى دېھلىدا 15 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ۋە ئەسكەر قوغدىدى

17 - ئاپرىل ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى قاتمۇ - قات مۇھاپىزەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت ئالدىن بەلگىلەنگەن يەتكۈزۈش مۇساپىسىنى قىسقارتىشقا مەجبۇر بولغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى يېڭى دېھلى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەندە، بۇ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان ھىندىستان پرېزىدېنت سارىيى بىلەن ھىندىستان دەرۋازىسى ئارىلىقىدىكى 2.3 كىلومېتىر يولنى 15 مىڭ ئەتراپىدا ساقچى ۋە ئەسكەرلەر توسۇق قۇرۇپ قوغدىغان.

مەشئەل كۆتۈرۈپ يۈگۈرگۈچىلەرنى خىتاي ئەۋەتكەن قوغدىغۇچىلار ئەترىتى قوغداپ ماڭغان بولۇپ، كۇچ ئۇلاپ يۈگۈرگۈچىلەرمۇ پەقەت بىر نەچچە مېتىرلا يۈرگۈرگەندىن كېيىن مەشئەلنى يەنە باشقا يۈگۈرگۈچىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، يېڭى دېھلى شەھىرىدىكى بۇ پائالىيەت ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 30 مىنۇت داۋام قىلغاندىن كېيىن ئاياغلاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن نەق مەيدانغا ھازىرلانغان ساقچى ۋە ئەسكەرلەر مەزكۇر پائالىيەتنى كۆرگۈچىلەر سانىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ساقچىلار شۇ كۈنى يېڭى دېھلى شەھىرىدە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان 180 دىن ئارتۇق تىبەتلىكنى قولغا ئالغان.

بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى مەيلى قايسىلا شەھەردە ئۆتكۈزۈلمىسۇن، بارغانلىكى شەھەرلەردە كۈچلۈك قارشىلىقلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى قارشىلىقلار لوندون، پارىژ، ئىستانبۇل ۋە سان فرانسىسكو شەھەرلىرىدە تېخىمۇ كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.