ھىندىستان خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىشلارنى چەكلەش تەلىپىنى رەت قىلدى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىگە ھىندىستاننىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ھىندىستانغا يېتىپ كەلگەندە تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى ئېلىپ بارىدىغان نامايىشىنى چەكلىمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.14
ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىگە ھىندىستاننىڭ بىر دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكى، تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئەركىن ئىپادىلىشىگە قارشى باستۇرۇش ۋاستىسى قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولىمپىك مەشئىلى ھىندىستان زېمىنىدىن ئۆتكەندە مەشئەلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى يەتكۈزگەن.

ئولىمپىك مەشئىلى يەكشەنبە كۈنى ئافرىقىنىڭ تانزانىيە دۆلىتىدىكى ماراتون سەپىرىنى تاماملىدى. تانزانىيە بولسا ئولىمپىك مەشئىلى بېيجىڭدىن يولغا چىققاندىن بېرى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىن قالسا نارازىلىققا ئۇچرىمىغان بىردىن - بىر دۆلەتتۇر.

مەشئەلنىڭ كېيىنكى بېكىتى ئومماننىڭ مەسخەت شەھىرى بولۇپ، مەشئەل دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر شەھەردە ئايلاندى. ئولىمپىك مەشئىلى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.