ئىراندىكى بىر مەسچىتتە پارتلاش يۈز بەردى

ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى شىرازى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتتە شەنبە كۈنى قاتتىق پارتلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 9 ئادەم ئۆلگەن ۋە 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

ئىران ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە، ئەمما، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەشكىلات بۇ پارتلىتىشنى زىممىسىگە ئالمىغان بولۇپ، ئىران ساقچى دائىرىلىرى پارتىلاشنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. ئىران تەرەپ مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىمامىنىڭ ۋاخابىزمغا قارشى كۈچلۈك تەشۋىقاتچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئىران شىئە مەزھىپىنى ئاساس قىلغان دۆلەت بولۇپ، بۇ يەردىكى سۈننىيلەر ئۆزلىرىنىڭ قىسىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىشىدىكەن. ئىران - ئىراق قاتارلىق جايلاردا تارىختىن بەرى شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈچلۈك بولۇپ، ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىراقتا سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار كۆپىيىپ قالغان ئىدى.

ئىراندىكى بۇ قاتتىق پارتىلاشنىڭ مەزكۇر جايدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە، پارتلاش يۈز بەرگەن شۇ كۈنلەردە ئىراقتىكى شىئە قوراللىق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سادىرى شەنبە كۈنى ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۆتكەن ئايدا سادىرىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئىراق ھۆكۈمەت ۋە ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئارىسىدا جەڭلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، ئارىلىقتا سادىرى قوشۇنلىرىغا چېكىنىش بۇيرۇقى بەرگەن ئىدى.