سۆھبەتكە رايوننىڭ مەنپەئەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.
بۇ يىل 7 - قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن شاڭرى - لا سۆھبىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتى بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي راسخودىدىكى ئېنىقسىزلىق مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گاتېس، نۆۋەتتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مەنپەئەتىنىڭ بۇنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال لېتناتى ما شياۋتيەن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتىنىڭ چەكلىك ۋە مۇۋاپىق مىقداردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئارقىدىن يەنە خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ مۇداپىئە مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھېچبىر دۆلەتكە تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭغا قارىتا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى Shigeru Ishiba ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەقسەت نېمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەربىي تەرەققىياتنىڭ ئوچۇق بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئېنىقلىق بولغاندىلا رايوندىكى ئۆز - ئارا ئىشەنچ بولىدىغانلىقىنى، ئۆز - ئارا ئىشەنچ بولغاندىلا بىخەتەرلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
7 - قېتىملىق شاڭرى - لا سۆھبىتى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە قەدەر 3 كۈن داۋام قىلغان. يىغىنغا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، خىتاي قاتارلىق 27 دۆلەت ئىشتىراك قىلغان. ئاسىيا - تېنچ ئوكيان رايونىدىكى دوست، دۈشمەن ۋە ئاغرىنىش ئىچىدىكى دۆلەتلەرنى يىلدا بىر قېتىم بىر ئۈستەلگە ئەكىلىۋاتقان بۇ يىغىن تۇنجى قېتىم 2002 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىن سىنگاپوردىكى ساڭرى - لا مېھمانخانىسىدا ئېچىلغىنى ئۈچۈن يىغىنغا شاڭرى - لا سۆھبىتى دەپ نام بېرىلگەن.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە يەنە، ئامېرىكا بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقىنى تاشقى ياردەمدىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.