ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئولىمپىك جەريانىدا خىتايغا قارشى سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلىگەن تەنھەرىكەتچىلىرىنى تەبرىكلىدى

ئىتالىيىدىكى سىياسەتچىلەر ۋە بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەكشەنبە كۈنى، بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدا خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە قارشى سىياسىي مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ئىتالىيىلىك تەنھەرىكەتچىلىرىنى تەبرىكلىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.08.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

 تەنھەرىكەتچى مارگارىتا گرانباسسى، ئۆزى ئولىمپىك جەريانىدا قوللانغان ماسكىنى تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاماغا سوۋغا قىلغان ۋە " بېيجىڭدا مېنى پاسكىنىچىلىقتىن قوغدىغان بۇ ماسكا، تىبەت خەلقىنىمۇ قوغدىغاي " دەپ سىمۋوللۇق ھېسداشلىق ئىپادىلىگەن. كۈمۈش مېدال ساھىبى، بوكسچى كلەمەنتە رۇسسو مېدالىنى " خىتايدا زۇلۇم چېكىۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە" تەقدىم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە كۈمۈش مېدال ساھىبى تەنھەرىكەتچى كاياكەر جوسەفا ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كىيگەن تەنھەرىكەت كىيىمىنى دالاي لاماغا تەقدىم قىلغان. ئىتالىيىلىك تەنھەرىكەتچىلەر بۇ خىل سىياسىي مەيدانىنى ئولىمپىك يېپىلىش مۇراسىمى ۋە ئۇنىڭ ئالدى - كەينىدە نامايەن قىلغان.

ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىگنازىئو لا رۇسسا يەكشەنبە كۈنى كوررىئەرە گېزىتىدە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتلىرىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن: " تەنھەرىكەتچىلىرىمىز بىر تەنھەرىكەتچىلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئادا قىلدى، ئىنسانىي ۋەزىپىسىنىمۇ ئادا قىلدى."

ياشلار مىنىستىرى گەئورگىئا مېلونى تەنھەرىكەتچىلىرىنى خىتايدىكى نازۇك مەسىلىلەرگە ئۇستىلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇردى، دەپ مەدھىيىلىگەن ۋە ھەر تەرەپلىمە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى دەپ ئالقىشلىغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.