جون مىكېين ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا شتاتىدىكى سانت پائۇل شەھىرىدە ئېچىلغان ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيى پەيشەنبە كۈنى يېپىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.09.05

 ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون مىكېين قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، 11 ‏ - ئايدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىغا چۈشىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئالياسكا ۋالىسى سارا پېيلىن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ئىلھام بەرگەن ئىدى.

مىكېيننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى قۇرۇلتاينىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتەردى. ئۇ پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئىقتىساد، ئېنىرگىيە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتىگە دائىر كۆز قاراشلىرىنى تونۇشتۇردى شۇنداقلا ئەگەر ئۆزى سايلانسا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەۋجۈت سىياسى قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى شەرھىلىدى.

مىكېين تاشقى سىياسەتكە ئائىت بايانىدا خىتاينى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ يىلقى سايلامدا دېموكراتلار نامزاتى باراك ئوبامانى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جون مىكېين ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينى كەسكىن تەنقىد قىلىدىغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. لېكىن ئۇنىڭ پەيشەنبە كۈنكى قۇرۇلتاي نۇتۇقىدا خىتاينى تىلغا ئالمىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ گروزىيە مەسىلىسى تۈپەيلى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.