دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىندى

مەركىزى جەنۋەدىكى "كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە كۆزىتىش" تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي، ئافرىقا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنى خالىغانچە تۇتۇپ، ئۇلار ئۈستىدىن ئادىل بولمىغان ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى پاش قىلدى.

مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمى، ئامېرىكا 2001 ‏ - يىلى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان، دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ھېسابسىز دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. دوكلاتتا يەنە، خىتايدىكى ۋەزىيەتكە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، دوكلاتتا بېلارۇسىيىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىدىن 617 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىۋاتقانلىقى پاش قىلىنىۋاتقان پەيتلەردە، 7 نەپەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئامېرىكا دېموكراتىك فوندىنىڭ يىللىق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلاندى.