فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا گۇرۇپپىسىدىكى تەتقىقاتچى مارك ئالىسوننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان جىنايەت تۈرلىرى 68 خىل بولۇپ، بۇلار زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش، پارا ئېلىشى ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتاي ئالىي سوتى ئۆلۈم جازاسى دېلولىرىغا ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ قاراپ چىقىپ، بېكىتىشنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زادى قانچىلىك ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى يەنىلا مەخپىي تۇتۇپ كېلىنمەكتە ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن مارك ئالىسون: خىتاي خەلقىنىڭ قانچىلىك ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ نام - شەرىپىنى بىلىش ھوقۇقى بار " دېگەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئامېرىكىدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش تەرەپدارى ۋە قانۇن پروفېسسورى سپىدي رايس خانىم، ئولىمپىك روھى بويىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈشنى توختىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.