جەنۇبىي كورىيىدە خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئادەم ئۇرغانلار چېگرىدىن قوغلىنىدۇ

جەنۇبىي كورىيە تەشكىللىگەن مەخسۇس ساقچىلار ھازىر، ئۆتكەن ھەپتىدە جەنۇبى كورىيىنىڭ سىئول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتىدە نەق مەيداندىن ئېلىنغان سىنئالغۇ خاتىرىلىرىگە ئاساسەن، جەنۇبىي كورىيىدە كوممۇنىست خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئادەم ئۇرغان جىنايەتچىلەرنى ئىزدەپ تۇتۇشقا كىرىشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.30

 روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى بۇنداق خىتايلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدىن كېلىپ ئوقۇيدىغانلارغا قارىتا ۋىزا رەسمىيىتىنى چىڭىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. جەنۇبىي كورىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ، جەنۇبىي كورىيىدە قانۇنسىزلىق قىلغان، جەنۇبىي كورىيىنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەن خىتاي پۇقرالىرىنى چۇقۇم قانۇن بۇيىچە جازالاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچىلار تەرىپىدىن زەخمىلەنگەن جەنۇبىي كورىيىلىكلەردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.