كۇئالالۇمپۇردىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلدى

21 ‏ - ئاپرېل بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. قارشىلىق نامايىشلىرى ۋە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مالايشىيا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار 1000 نەپەر ساقچى ئوفىتسېرلىرىنى پائالىيەت مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.21

 مەشئەل پائالىيىتى كۇئالالۇمپۇردىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە مەزكۇر پائالىيەتنى كۆرۈشكە 3مىڭغا يېقىن ئادەم قاتناشقان بولۇپ، رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قانتاشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن.

گەرچە كۇئالالۇمپۇردىكى مەشئەل يەتكۈزۈشۈش پائالىيىتىدە پارىژ، لوندون، ئىستانبۇلدىكىدەك زور كۆلەملىك قارشىلىق نامايىشلىرى تەشكىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنى تىبەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىپ لەپىلدەتكەن 3 نەپەر ياپونىيىلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر راھىب ۋە يەنە بىر نەپەر ئەنگلىيە پۇقراسى نامايىش مەيدانىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ياپونىيىلىكلەر تىبەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقارغاندىن كېيىن مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قوللىغۇچى خىتايلارنىڭ يولسىزلىقلىرىغا ئۇچرىغان ھەمدە ۋەقەگە شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار "تىبەتكە ئەركىنلىك" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشقان ئىكەن.

بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى 22 ‏ - ئاپرېل ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىگە، 24 ‏ - ئاپرېل ئاۋسترالىيىنىڭ پايتەختى كامبېراغا، 26 ‏ - ئاپرېل ياپونىيىگە يېتىپ كېلىدىغان بولۇپ، ياپونىيىدىكى زەنكوجى ئىبادەتخانىسى خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى مەزكۇر ئىبادەتخانىغا يېقىن يولاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.