ئەگەر ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغدىغۇچىلار ئاۋسترالىيىدە نامايىشچىلارغا قول تەككۈزسە قولغا ئېلىنىدۇ

ئاۋستىرالىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى كېلەر ھەپتە ئاۋسترالىيىگە كەلگەندە ئەگەر مەشئەلنى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭغان خىتاي قوغدىغۇچىلار ئەترىتى نامايىشچىلارغا قول تەككۈزسە قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.16
 بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ پايتەخت كانبېررادىن ئۆتۈشىنى قوغدايدىغان خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى تەد كيۇنلەن، ئاتالمىش ئولىمپىك مەشئىلىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭىدىغان قوغدىغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، "ئەگەر ئۇلار بىرەر كىشىگە قول تەككۈزسە قولغا ئېلىنىش ئوبېكتى بولىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

 ئولىمپىك مەشئىلى لوندون، پارىژ ۋە سان - فرانسېسكولاردا كىشىلەرنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن بېرى، مەشئەلنىڭ بىخەتەرلىكى كىشىلەرنى ئەڭ كۆپ قىزىقتۇرىدىغان مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە دائىرىلەرنى مەشئەلنى قوغداش تەدبىرىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئاۋستىرالىيە ئەدلىيە مىنىستىرى مىكېلىلانمۇ مەشئەلنى قوغدىغۇچىلارنى نامايىشچىلارغا قول تەككۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، " خىتاي خادىملىرىنىڭ بىردىن ‏ - بىر رولى مەشئەلنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىق " دەپ ئەسكەرتتى.

 ئولىمپىك مەشئىلى 24 ‏ - ئاپرىل كۈنى ئاۋسترالىيىگە يېتىپ كېلىدۇ. شۇڭا مەشئەلنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇقى ھىمايىچىلىرىنىڭ شىددەتلىك نارازىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىلى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى، ئولىمپىك مەشئىلى ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقى تەبئىي، دەپ كۆرسەتتى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.