ھەربىي ھالەت شەنبە كۈنى كېچىدە بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، تاكى ھازىرغىچە يەنە بىرەر قارشىلىق ۋەقەلىرى كېلىپ چىقمىدى. كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن خۇددى گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەندەك رەڭلىك ئىنقىلابقا ئوخشىتىلغان موڭغۇلىيىدىكى بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھاكىمىيەتنى باشقۇرۇۋاتقان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىگە قارىتىلغان بولۇپ، پارلامېنت سايلىمى نەتىجىسىگە نارازى بولغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكىتى باستۇرۇشقا ئۇچرىغان.
توقۇنۇش جەريانىدا بەش ئادەم ئۆلۈپ، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، 700 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان ئىدى. موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت نامۇبار ئېنكىبايار بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلانباتورغا قوشۇن كىرگۈزۈپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغان. جۈمە كۈنى بىر قانچە ئۆكتىچى پارتىيىلەر بىرلىشىپ، بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقنى توپىلاڭلاردىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.
خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ئەمەلىيەتتە كومپارتىيە بولۇپ، بۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا سۇخاباتور ۋە چويبالسان تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئىدارە قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى بىر مەزگىل ئورنىنى يوقىتىپ، دېموكراتىك پارتىيە ھاكىمىيەتكە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى يەنە سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ، ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلغان ئىدى.
ئۆكتىچى پارتىيىلەر ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي، رۇسىيىگە قاراتقان تاشقى سىياسىتىنى ھەمدە ئىچكى جەھەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە دېموكراتىك سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى ھاكىممۇتلەقلىق يولىغا ماڭدى دەپ ئەيىبلىمەكتە.
