رويتېرستا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شىنا ئۆزلىرىنىڭ موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىيىسىگە ئىچى تارلىقى كېلىدىغانلىقىنى، گەرچە يېقىندىن بۇيان موڭغۇلىيىدە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار كىشىنى ئانچە خۇش قىلمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭمۇ ئۇلارنىڭ سىياسىي تەرەققىيات قەدىمىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتوردا پارلامېنت سايلىمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشتا 5 ئادەم ئۆلگەن ھەمدە موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى 2 - ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى 4 كۈنلۈك ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.
موڭغۇلىيىدە يۈز بەرگەن بۇ نامايىش ئىچكى موڭغۇلدا ياشايدىغان بەزى كىشىلەرنى بىئارام قىلغان بولۇپ، رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، موڭغۇلىيە خەلقى بۇنداق تالاش - تارتىشلارنى قىلىشنىڭ ئورنىغا ئىچكى موڭغۇل خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىشى لازىم ئىكەن.
ھالبۇكى، نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىچكى موڭغۇللۇق بىر پائالىيەتچى، موڭغۇلىيىنىڭ يايلاقلارنى قوغداشتا ئىنتايىن ياخشى قىلغانلىقىنى ھەمدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭمۇ چوقۇم ئۇلاردىن ئۆگىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
