پەرۋاز مۇشەررەپ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.18
2008.08.18
مۇشەررەپ باياناتىدا، ئۆزىنىڭ خەلق ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى ئەزەلدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە “ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، پرېزىدېنتلىق ۋەزىپەمدىن ئىستىپا بېرىش قارىغا كەلدىم دېدى.
مۇشەررەپ يەنە، ئۆزىنىڭ پاكىستان خەلقىدىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى پاكىستان خەلقىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان بىرلەشمە ھۆكۈمىتى، پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە قىستاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، CNN ئاخبارات تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇشەررەپنىڭ ئىستىپانامىسىنى رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن پەرۋىز مۇشەررەپ، 1999 - يىلىدىن باشلاپ پاكىستان پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئىدى.









