مۇشەررەپ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپ بېيجىڭدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش كۈن تەرتىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەمما بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ب ب س مۇخبىرى ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىسلامئابادتىكى بايان قىلىشىچە، پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپ سايلام مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ قانۇن ساھەسىدىكى بىر قىسىم سوتچى ۋە ئادۋوكاتلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆكتىچى پارتىيىلەر مۇشەررەپ ۋەزىپىدىن قالدۇرغان سوتچى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈنۈگۈن پاكىستاندىكى ئىككى چوڭ پارتىيە رەھبىرى باش قوشۇپ، پرېزىدېنت پەرۋاز مۇشەررەپنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىكەن.