مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى مۇخبىرلارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا

مەركىزى بېلگىيە پايتەختى بېرىيۇسېلدىكى خەلقئارا مۇخبىرلار فېدېراتسىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.16
 مۇخبىرلار فېدېراتسىيىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۈستىدە سۆزلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى باياناتىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، تىبەت ۋەقەسى ۋە ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش ماراتونىنى خەۋەر قىلغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تەھدىت ۋە ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئەيدىن ۋايت سەيشەنبە كۈنى 4 كۈنلۈك خىتاي سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا "مۇخبىرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە بەزى مۇخبىرلار تەھدىتكە ئۇچرىدى شۇنداقلا مەتبۇئاتقا دەخلى تەرۇز قىلماسلىق توغرىسىدىكى ۋەدىلەرگە خىلاپ قىلمىشلار كۆپەيدى." ئەيدىن ۋايتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خەلقئارا مۇخبىرلار فېدىراتسىيىسىنىڭ خادىملىرى بېيجىڭ سەپىرىدە خىتاي ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

 يېقىندا يۈز بەرگەن تىبەت ئىسيانى ۋە ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچراش ۋەقەلىرىدىن كېيىن خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تەھدىت سېلىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.