باراك ئوباما دالاي لاماغا خەت يېزىپ تىبەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.29
2008.07.29
پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوبامانىڭ بۇ مەكتۇبى، دالاي لاماغا ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېففرېي بادېر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئوباما خېتىدە يەنە دالاي لامانىڭ يېقىندا ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ۋاقىتنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبلىك ئۇچرىشالمىغانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭ ئالدىدايەنى 25 - ئىيۇل كۈنى، ئوبامانىڭ نۆۋەتتىكى رەقىبى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى John Mccain، ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن شۇنداقلا 45 مىنۇتتىن ئۇزاق سۆھبەتلەشكەن ئىدى.
جان مېككەيىن، دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە ۋە تۈرمىدىكى تىبەتلىك سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. جان مېككەيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مارت ئېيىدا تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭنى قاتتىق قول بىلەن باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېموكرات پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما 2005 - يىلى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن. ئوباما دالاي لاماغا يازغان خېتىدە دالاي لاما بىلەن يېقىن ئارىدا ئۇچرىشىشنى ۋە تىبەتلەرنىڭ سىياسىي ھەم كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.