ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋېن بېيجىڭ سەپىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدۇ
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.21
2008.08.21
باش مىنىستىر بروۋېننىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنتىدىكى 3 - چوڭ پارتىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى نىك كرېيگ'كە يازغان خېتىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللاش بەدىلىگە " كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قۇربان قىلىنمايدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.
بروۋېن مۇنداق يازىدۇ": مەن بېيجىڭغا بارغاندا....رەئىس خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلارغا كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئولىمپىك يىلى بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، بەلكى دائىمىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈمەن." لېكىن بروۋېن يەنە خىتاينى دۇنيانىڭ ئاساسى ئېقىمىغا قاتناشتۇرۇش ئەنگىلىيىنىڭ " مىللىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلىگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئولىمپىك خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئارقىغا چېكىندۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى.
ئەنگىلىيە پارلامېنتىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى نىك كرېيگ، بروۋېن خىتايغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، بۇ جەھەتتىكى قايغۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2012 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. باش مىنىستىر بروۋېن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا ئۈلگۈرۈش، بېيجىڭدىن 2012 - يىلقى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ساھىپخانلىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى. لېكىن ئۇ شۇ كۈنى بېيجىڭ سەپىرىنىڭ ئۆتە يولىدا ئافغانىستاندا توختاپ، ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي بىلەن ئۇچراشقان ھەم ئافغانىستاندىكى ئەنگىلىيە قىسىملىرىنى يوقلىغان.