خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئېغىر ئەھۋالدا

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىر ھەپتىدىن ئاز ۋاقىت قالغان بىر مەزگىلدە، خىتايدا بەزى ئىنتېرنېت توربەتلىرىنىڭ ھېلىمۇ قامال قىلىنغانلىقى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

شەنبە كۈنى نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى دەپ، قاتتىق تەنقىد قىلغان.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا نۇرغۇنلىغان توربەتلىرىنى قامال قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، جۈمە كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېسىمى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك مەتبۇئات مەركىزىدە بەزى توربەتلىرى ئۈستىدىكى چەكلىمىنى بىكار قىلغان. لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۇرغۇنلىغان توربەتلىرى ئۈستىدىكى چەكلىمىلەر يەنىلا داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ھالبۇكى ئۆتكەن نەچچە يىلىدىن بېرى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھەمدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خادىملىرى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەققىدە خەۋەر بېرىش ئۈچۈن خىتايغا كېلىدىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئىنتېرنېت مەسىلسىدە ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

2001‏ - يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقى بېيجىڭغا بېرىلگەندە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ ۋي، "بىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەققىدە خەۋەر بېرىش ئۈچۈن خىتايغا كېلىدىغان مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن - ئازادە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز،" دېگەن. ئەمما ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ياقتۇرمايدىغان نۇرغۇنلىغان توربەتلىرىنى قامال قىلىۋەتكەن.