خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاي گىمناستىكا ماھىرلىرىنىڭ يېشىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.22
2008.08.22
ئولىمپىك كومىتېتى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاخىرى خىتاي گىمناستىكا ماھىرلىرىنىڭ يېشىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى گىسېللې دەيۋىس مۇنداق دەيدۇ": بىز گىمناستىكا بىرلەشمىسىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق....ئەگەر بۇ يەردە بىرەر گۇمان بولسا ياكى بىزنى بىئارام قىلىدىغان بىرەر ئىش بولسا بىز ھەر قايسى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز."
گېسېللې دەيۋىس خانىم يەنە، خىتاي مەملىكەتلىك گىمناستىكا بىرلەشمىسىنىڭمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك يىغىنىدا 2 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن خىتاي گىمناستىكا ماھىرى خې كېشىن، جياڭ يۇيۈەن ۋە ياڭ يىلىننىڭ ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەنلىكى، لېكىن ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسىدە گىمناستىكىچىلارنىڭ 16 ياشتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن خىتاي گىمناستىكا ئۆمىكىنىڭ ترېنىرى لۇ شەنجېن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا كىشىلەرنى بۇ جەھەتتىكى گۇماندىن خالاس قىلىش ئۈچۈن خې كېشىننىڭ پاسپورت، نوپۇس ۋە كىملىك كىنىشكىسىنى ئولىمپىك كومىتېتىغا تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى ئىلگىرى خىتاي گىمناستىكىچىلىرىنىڭ پاسپورتىدىكى يېشى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي دۆلەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىن خې كېشىننىڭ 1994 - يىلى 1 - يانۋاردا، ياڭ يىلىننىڭ 1993 - يىلى 26 - ئاۋغۇست كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، ئەمما ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تىزىمغا ئالدۇرغاندا تۇغۇلغان كۈنىنىڭ 1992 - يىلىغا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى بايقىغان.