بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرما دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 5000 دىن 28458 گە كۆپەيگەنلىكىنى، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ 33 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەكشەنبە كۈنى خېلى كۆپ ساندىكى ئادەملەر خەلقئارالىق ياردەم بۇيۇملىرى جايلاشقان ياڭوڭ شەھىرىگە ئېقىپ كىرىپ، مەلۇم مىقداردا ياردەملەرگە ئېرىشكەن.
بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ماددى بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلسىمۇ، لېكىن، داۋالاش گۇرۇپپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا كىرىشىگە يول قويمىغان.
ئۇلار تايلاند بىلەن بىرما چېگرىسىدا ۋىزا كۈتۈپ يېتىشقا مەجبۇر بولغان. چەتئەل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىچىملىك سۇ، يېمەك - ئىچمەك ۋە تىببىي ياردەملەرنى يەتكۈزۈشكە يول قويماسلىقى ئاخىرىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان بىر يېرىم مىليون ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى شۇنىڭدەك ئۇلار ئارىسىدا ئۆلۈم - يېتىمنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشكەن.
