پاكىستانلىقلار "لال مەسچىت" ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىدى

يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئاباددا بىر قانچە مىڭ ئادەم يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، لال مەسچىت ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

ئۆتكەن يىلىنىڭ مۇشۇ كۈنلىرىدە خېلى كۆپ ساندا تالىپلار لال مەسچىتكە توپلىنىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەتتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، پاكىستان ئارمىيە ۋە ساقچىلىرى خېلى ئۇزۇنغىچە مەسچىتكە كىرەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى نەتىجىسىدە ئاخىرى مەسچىت ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان ئىدى.

يىغىلىش ئۆتكۈزگەنلەر پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن لال مەسچىت ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان مەسچىت ئىمامى ئەزىزى قاتارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

لال مەسچىتتىكى قارشىلىققا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى خىتاي ئاياللىرىنىڭ پاكىستاندا پاھىشىلىك قىلمىشى ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلامىي ئەدەب - ئەخلاقنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان ئىدى. مەزكۇر مەسچىتتىكى قارشىلىق كۆرسۈتۈشنىڭ سەككىز كۈن سوزۇلۇشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىغان.

ئەنە شۇ لال مەسچىت ۋەقەسىدىن كېيىن، پاكىستاندا پرېزىدېنت پەرۋاز مۇشەررەپنىڭ ھەربىي ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىسى، بۇتتونىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، پاكىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىنىشىگە ئوخشاش بىر قاتار سىياسىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ پاكىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 6 - ئىيۇل كۈنى لال مەسچىتكە يېقىن جايدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 15 ئادەم ئۆلگەن ۋە 20 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.