پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن 3 خىتاينىڭ ئۆلۈم مەيدانىدىكى سىنئالغۇسى تور بېتىدە ئېلان قىلىندى

يېقىندا ئەل - ھىباخ ئىسىملىك كىشىلەرگە نامەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىگە 2007 - يىلى 7 - ئايدا پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن 3 نەپەر خىتاينىڭ ئۆلۈم مەيدانىدىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى چاپلانغان شۇنداقلا سىنئالغۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئېلىۋېتىلگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008-04-25
Share

 ھىندىستان كۈندىلىك خەۋەرلەر ۋە ئانالىزلار تور گېزىتىنىڭ جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە سىنئالغۇنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى تەرىپىدىن لېنتىغا ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان بىر قانچە گۇرۇھنىڭ بىرلەشمىسى، دەپ قارىلىۋاتقان ئورگان بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىدى.

ھىندىستان كۈندىلىك خەۋەرلەر ۋە ئانالىزلار تور گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى پاكىستاننىڭ ئىسلام ئاباد شەھىرىدە يۈز بەرگەن لال مەسچىت ۋەقەسى بىلەن باغلاۋاتقانلىقى، لېكىن لال مەسچىد ۋەقەسى تۈپەيلى نېمە ئۈچۈن خىتاي تۇتقۇنلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇلمىغانلىقىنى يازدى.

پەرۋىز مۇشەررەپ ھۆكۈمىتى 2007 - يىلى 7 - ئايدا لال مەسچىتنىڭ تالىپلىرىغا قارشى ھۇجۇم قوزغاپ، ئاز دېگەندە 100 ئادەم ئۆلگەن . لال مەسچىت ۋەقەسى تالىبلارنىڭ ئىسلامئابادتىكى بىر خىتاي پاھىشىخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، پاھىشىخانىدىكى بىر قانچە خىتاينى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىدىن باشلاندى پاھىشە ئاياللار كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى لال مەسچىتنىڭ تالىبلىرىنى قەتئىي جازالاشنى تەلەپ قىلغان.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت