رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ گرۇزىيە قوشۇنلىرىنى توپقا تۇتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا. بەزى خەۋەرلەردە گرۇزىيىنىڭ رۇسىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانىدىن ئىككىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. روسىيە تەرەپ 10 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بىر قانچە ئون ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ب ب س خەۋىرىدە ئاز دېگەندە 15 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىر - بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ، ئوسسىتىيەدىكى رۇسىيە پۇقرالىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن گرۇزىيە پرېزىدېنت مىخائىل شاكاشۋېلى رۇسىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ گرۇزىيە تۇپراقلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيە زېمىنىدا ئۇرۇش قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بۈگۈن س ن ن گە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنىڭ ھەرىكىتىنى خەلقئارا تەرتىپكە قىلىنغان ھۇجۇم، دەپ ئەيىبلىدى.
روسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ۋە بېيجىڭدا ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان باش مىنىستىر پۇتىنلار ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. گرۇزىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسىتيەدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر 7 - ئاۋغۇست كۈنى يېرىم كېچىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىم ئىمزالىنىپ بىرقانچە سائەتتىن كېيىن تەرەپلەر ئارىسىدا يەنە ئۇرۇش پارتلىغان ئىدى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن گرۇزىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان، لېكىن گرۇزىيىدە ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان ئىدى. جەنۇبىي ئوسسىتيە 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بېرى گرۇزىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلماقتا. رۇسىيە رايوندا تىنچلىقنى قوغداش قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان، گرۇزىيە رۇسلارنى جەنۇبىي ئوسسىتىيىدىكى "بۆلگۈنچى" كۈچلەرنى قوراللاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئىدى.
