رۇسىيىدە مىللەتچىلىك ئېغىرلاشماقتا
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.05.04
2008.05.04
ھەتتا، رۇسىيىنىڭ "newsru.com" ئۇچۇر تورىدا يېقىندا رۇسىيىگە تەۋە ئىنگۇشىتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتىنىڭ موسكۋادا قاتتىق ئۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان فرانسۇز تەتقىقاتچىسى مارلېنا لارۇئەللا " يېقىنقى يىللاردا رۇسىيە جەمىيىتى ۋە سىياسىي سەھنىسىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن" دەيدۇ.
ھازىر رۇسىيىدىكى مىللەتچىلەر :"رۇسىيە پەقەت رۇسىيىلىكلەر ئۈچۈن" دەيدىغان شۇئارنى كۆتىرىپ چىققانلىقى ئۈچۈن مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىكى پارتىيىلەر مەركىزىي ئاسىيالىق ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىشچى كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ئوبيېكتى دەپ قارىغان.
رۇسىيىدىكى تاقىرباشلار دەپ ئاتالغان مىللەتچى ياشلار ئەڭ خەتەرلىك گۇرۇپپا بولۇپ، رۇسىيىلىكلەرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ قولىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە، ھەتتا يېقىندا رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى خىتاي بىلەن چېگرىداش جايدا رۇس ياشلىرى بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا كوللېكتىپ توقۇنۇش يۈز بەرگەن.









