رۇسىيە ناتو غا تەھدىت سالدى

رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى باش شتاب باشلىقى گېنېرال ئارمىيە بالۇيېۋسكىي ئەگەر ئۇكرائىنىيە ۋە گرۇزىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرسە رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرما ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

رۇسىيىنىڭ "دىنى.رۇ" تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بالۇيېۋسكىي سۆزىدە گرۇزىيىنىڭ %70 پۇقراسىنىڭ بۇ ئىدىيىنى قوللىشى ۋە ئۇكرائىنىيىدىمۇ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار بارلىقىنى دارتمىلىغان.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كومىتېتىنىڭ باشلىقى كونستانتىن كوساچېۋ بولسا، ئۇكرائىنىيىنىڭ ناتوغا كىرىشىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى يوقىتىدىغانلىقى، گرۇزىيىدىكى توقۇنۇش مەسىلىلىرىنىڭ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مەلۇمكى، رۇسىيە ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئاسسېتىيىنىڭ گرۇزىيىدىن مۇستەقىل بولۇپ چىقىپ كېتىشىنى قوللايدۇ. بەلكى، گرۇزىيە ناتوغا كىرسە، رۇسىيە گرۇزىيىنىڭ پارچىلىنىش قەدىمى تېزلىتىشى مۇمكىن.

بۇ قېتىم بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتونىڭ يىغىنىدا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش 12 - ئايغا قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇكرائىنىيە ۋە گرۇزىيە ھۆكۈمەتلىرى رۇسىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ ناتوغا كىرىش ھەققىدە قارار چىقىرىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە ناتونىڭ مۇنداق كېڭىيىشىنى ئۆزىگە نىسبەتەن خەتەرلىك دەپ قارىغان. پۇتىن ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بۇ مەسىلىلەردە نارازىلىق ئىنكاسىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى.