رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ھازىرقى گرۇزىيە مەسىلىسىنى 'ھەل قىلغۇچ خەلقئارالىق مەسىلە' دەپ ئاتىدى ۋە خىتاينى رۇسىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ، بۇنىڭغا ئامېرىكا، ناتو ئارىلاشقاندىن كېيىن، خۇجىنتاۋمۇ 'پارتلاش' ھالىتىدە تۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز ۋەزىيىتىگە قول سالدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كەينى - كەينىدىن ناتوغا ئەزا بولۇپ كىرىشى ئارقىلىق رۇسىيە قورشاۋغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان بۇنداق پەيتتە، خىتاي ھازىر رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ قايسىدا تۇرۇشىنى بەلگىلەشتە تەڭلىكتە قېلىۋاتىدۇ.
ئەنگلىيىدىكى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىمەي، بەلكى ئۆزىنى 'مەسئۇلىيەتچان دۆلەت' كۆرسىتىپ، 'سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن.