رۇسىيىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى دېمتىرى مېدۋېتىف جۈمە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.05.21
2008.05.21
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىدە 7 - ماي كۈنى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئورنىغا پرېزىدېنت بولۇپ چىققان 42 ياشلىق دېمتىرى مېدۋېتىف جۈمە كۈنى، ئالدى بىلەن بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە زاپىسى مول بولغان رېسپوبلىكىسى قازاقىستاننى زىيارەت قىلماقچى.
رۇسىيىدىكى 'يەر شارى' ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى فيودور لۇكىيانىفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، رۇسىيىنىڭ دوستى غەرب ئەللىرىلا ئەمەس، بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر دوستى بار ئىكەنلىكى توغرىسىدا بېرىلگەن بىر سىگنال'.
ئامېرىكىدىكى 'مىراس فوند جەمئىيىتى'نىڭ موسكۋادىكى ئىشخانىسىدا تۇرىدىغان تەھلىلچىسى يەۋگېنى ۋولكنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى سوغۇقلاشقانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ يېڭى تاشقى سىياسىتى مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ ئىنكاسى.









