مىللىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن كارادزىك خەلقئارا سوتقا تۇتۇپ كېلىندى
1992 - يىلىدىن 95 - يىلىغىچە داۋاملاشقان بوسنىيا - ھەرسەك ئۇرۇشى جەريانىدا، خەلقئارا سوت تەرىپىدىن يەرلىك خەلققە ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن ئەينى ۋاقىتتىكى سېرب رەھبىرى رادوۋان كارادزىك بۈگۈن گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدىكى خەلقئارا سوتقا ئېلىپ كېلىندى.
-
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008-07-30 -
-
-
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى دوسان ستوجانوۋىكنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سوتى كارادزىكنى ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلەپ 1995 - يىلى تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندىن كېيىن، جىنايەتچى قېچىپ - يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ئىدى. ئۇ سېربىيىدە تۇتۇلغاندىن كېيىن، سېربىيە دائىرىلىرى جىنايەتچىنى خەلقئارا سوتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇنى ب د ت نىڭ باياناتچىسى لىيام مىكدوۋال ئىسپاتلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەندە، سېربىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر 29 - ئىيۇل كۈنى 15 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، كارادزىكنى خەلقئارا سوتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى تۇردى ۋە كارادزىكنى مىللىي قەھرىمان دەپ ئاتىدى دەپ ئالاھىدە تەسۋىرلىدى.