شىمالىي كورىيە بىر يادرو رېئاكتور تۇرخۇنىنى چۇۋۇۋەتتى

ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ۋە 6 دۆلەت سۆھبىتىنىڭ شىمالىي كورىيىنى يادروسىزلاشتۇرۇش كېلىشىمىدىن كېيىن، شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى جۈمە كۈنى يوڭبيەندىكى بىر يادرو رېئاكتور قازىنىنىڭ تۇرخۇنىنى پارتلىتىپ تاشلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.27

 ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ئامېرىكا، تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە تېخنىكىلار رېئاكتور قازىنىنىڭ تۇرخۇنىنى پارتلىتىش ئىشىغا كۆزەتكۈچىلىك قىلغان. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئامېرىكىغا تاپشۇرغان بولۇپ، پرېزىدېنت بۇش شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ پىداركارلىقىنى ئېھتىيات بىلەن قارشى ئالغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، يوڭبيەندىكى يادرو رېئاكتور قازىنى تۇرخۇنىنىڭ چېقىلىشىنى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىش يولىدىكى سىمۋوللۇق بىر قەدەم، دەپ كۆرسەتمەكتە.

يوڭبيەن شىمالىي كورىيە پايتەختى پيوڭياڭنىڭ 96 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، مەزكۇر يادرو ئەسلىھەسى ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللاردىن خالى قىلىش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىدى. شىمالىي كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە يېقىلغۇ ياردىمى، دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك جەھەتلەردە بىر قاتار زور تەمىناتلاردىن بەھرىمان بولىدۇ.

شىمالىي كورىيىنىڭ 2006 ‏- يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان يادرو سىنىقىنىڭ يېقىلغۇسى يوڭبيەندىكى مەزكۇر رېئاكتور قازىنىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، رېئاكتور قازىنىنىڭ 30 مېتىر ئىگىزلىكتىكى تۇرخۇنى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار پروگراممىسىنىڭ سىمۋولى، دەپ قارالماقتا ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.