ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى لوندوندا قارشىلىققا دۇچ كەلدى

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ سانكتپېتېربۇرگ شەھىرىدىن لوندون' غا ئېلىپ كېلىنگەن 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش پائالىيىتى جەريانىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆرۈلگەن.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ پائالىيەتكە 80 نەپەر ئەنگلىيە تەنھەرىكەتچىسى ۋە ئارتىستى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار مەشئەلنى كۆتۈرۈپ، 31 مىل يۈگۈرگەن ھەمدە مەشئەل لوندون شەھەر مەركىزىگە يېتىپ كەلگەندە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر مەشئەلنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان شۇنىڭدەك بىر قىسىم كىشىلەر قولغا ئېلىنغان. قارشىلىق ھەرىكىتىگە تىبەتلەر، فالۈنگوڭچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە تەشكىلاتنىڭ 500 دىن ئارتۇق ئەزاسى قاتناشقان ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بۇروۋن ئۆزى بىۋاسىتە مەشئەلنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما، ئەنگلىيىنىڭ ئاتاقلىق ئارتىسى فرانسىس خانىم بولسا ئۆزىنىڭ بۇ پائالىيەتتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى 2000 دىن ئارتۇق ئەنگىلىيە ساقچىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئافىنا، لوندون قاتارلىق شەھەرلەردە قارشىلىق ۋە نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى.