كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، ئەينى چاغدا تيەنئەنمېن نامايىشىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان 130 نەپەر كىشىنىڭ تېخىچە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئولىمپىك تاماشىبىنلىرىغا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن تيەنئەنمېن تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى "4 - ئىيۇن ۋەقەسى" دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان مەزكۇر نامايىش، 1989 - يىلى 15 - ئاپرېلدىن 4 - ئىيۇنغىچە خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاخىرىدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ نامايىشنى 3 - ئىيۇندىن 4 - ئىيۇنغىچە قانلىق باستۇرغانلىقى ئۈچۈن "تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى" دەپ ئاتالغان.
خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا مەزكۇر باستۇرۇشتا 200دىن 300 گىچە ئادەم ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسە، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ 300دىن 800 نەپەرگىچە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئەمما خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ۋە خىتاي قىزىل كرىست جەمئىيىتى ئەينى ۋاقىتتىكى باستۇرۇشتا ئىككى مىڭدىن - ئۈچ مىڭچە ئاۋام خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار قازا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.