فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مىنىستىرى راما يادە، شەنبە كۈنى فرانسىيىنىڭ "لىموند" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، پرېزىدېنت ساركوزىنىڭ 8 - ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلىدىغان 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى شەرتلەرنى ئورۇندىشى كېرەكلىكىنى، ئوتتۇرىغا قويغان.
فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشنى توختىتىشى ھەمدە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشى، تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكنى خەۋەرلەندۈرۈشى ۋە دالاي لاما بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى، ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنتى، ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزاسى دۆلەتلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئاندىن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق توغرىسىدىكى ئاخىرقى قارارىنى بېرىدىكەن.
باياناتىدا، ئەگەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىسا، ھېچقاچان دۇنيا مىقياسىدا قۇدرەتلىك بىر دۆلەت بولالمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن، فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى راما يادە، بىز باشقىلارغا دەرس بېرىشنى خالىمايمىز، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى، تەلەپ قىلىمىز، دېگەن.
پرېزىدېنت ساركوزى يېقىندا بەرگەن باياناتىدا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇشى داۋام قىلىۋەرسە، ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، ئىپادىلىگەن ئىدى.
