ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارىماقتا

29 ‏ - ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتوندا نەشردىن چىققان " ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئالىملىرىنىڭ باياناتى " دا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينى يادرو تەھدىت دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.


 ماقالىدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 2002 ‏ - يىلىدىن ئېتىبارەن دېڭىز بازىسى تەھدىت كۈچلىرىنىڭ مەركىزىنى يۆتكەپ خىتاينىمۇ تەھدىت دائىرىسى ئىچىگە ئېلىش ئۈچۈن بەش يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنى ئاتلانتېك ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغا ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر يەنە، بۇ خىل ئىستراتېگىيىلىك كۈچ پەقەت تەھدىت سېلىشنىلا مەقسەت قىلغان بولغاچقا، خىتاينىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org