خىتاي ئىران، ئىراق ۋە ئافغانىستان بىلەن بولغان قورال - ياراق ئالاقىسى تۈپەيلىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون نىگرېپونتى، خىتاينىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر شۇنداقلا ئىران بىلەن بولغان قورال - ياراق ئالاقىسى تۈپەيلىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جون نىگرېپونتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئۆتكەن ھەپتىلىك خىتاي زىيارىتىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشىسىنى شەخسەن ئۆزى يەتكۈزگەن.

نىگرېپونتى بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەندە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ" خىتاي قوراللىرىنىڭ ياكى خىتايدا ياسالغان قوراللارنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندا پەيدا بولغانلىقىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىمىز، مەن بېيجىڭدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى " دەيدۇ.

نىگرېپونتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېيجىڭ دائىرىلىرىگە خىتاينىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇنتىزىم قوراللار سودىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى "قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان" ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى" ناھايىتى چۈشىنىشلىك شەكىلدە" ئەسكەرتكەن. نىگرېپونتى يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھەربىي قۇرۇلۇش تەرەققىياتىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ،"بىز خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى ھاجەتسىز كېڭەيتىۋاتىدۇ ۋە سەلبىي تەسىر يارىتىۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز " دېدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا تەيۋەنگە مۇداپىئە خاراكتېرلىك قوراللارنى سېتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىغا كېرەكلىك ياردەمدە بولۇشى لازىم."

نىگرېپونتى، خىتاينىڭ نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش يولى تۇتقانلىقى، ئۇنىڭ شىمالىي كورىيىنى يادرو قوراللاردىن خالى قىلىش، ئىران ۋە شىمالىي كورىيىگە ئىمبارگو قويۇش، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىغا تىنچلىق قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردا "تۇتقان يولى ئىجابىي " دەپ كۆرسەتتى. لېكىن نىگرېپونتى، خىتاينى ئۆز خەلقىغە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، مەتبۇئات ۋە دىنىي ئەركىنلىك خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق ئىكەنلىكى ھەم قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىغا قايىل قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.