تۈنۈگۈن ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى بېيجىڭغا ماسكا تاقاپ كىردى

ئامېرىكىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئۆمىكى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا چېگرىدىن ماسكا تاقاپ ئۆتتى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان دۇنيادا ئۇچۇر ۋاستىلىرى بېيجىڭدا ئادەم نەپەسلىنىدىغان ھاۋانىڭ سۈپىتى ھەققىدە سۈرەتلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان، بېيجىڭ دائىرىلىرى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان جايلاردا ئىش توختىتىش، ھاۋانى بۇلغايدىغان زاۋۇتلارنى تاقاش، قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ سانىنى چەكلەش قاتارلىق ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللانغان ئىدى.

ئولىمپىك كومىتېتىمۇ بېيجىڭنىڭ ھازىرقى ھاۋا سۈپىتى تەنھەرىكەتچىنىڭ دەم زىققى كېسىلى بولمىسىلا باشقىچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە يەنە، بېيجىڭغا ماسكا تاقاپ كىرگەنلەر ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىلا ئەمەس، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرىمۇ بېيجىڭدىكى ھاۋا بۇلغىنىشقا نىسبەتەن بۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىر قوللانغان.