خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسىنىڭ چاقىرىقى خىتاينى بىئارام قىلدى

تۈنۈگۈن بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى جاكۇس روگگې خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا چاقىرغاندىن كېيىن، مەزكۇر چاقىرىق خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

تۈنۈگۈن يەنى 10 ئاپرېل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى روگگې بېيجىڭ ئولىمپىكى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى جەھەتتە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان رەۋىشتە پىكىر بايان قىلغان ۋە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ مەزكۇر ئولىمپىكنى "كرىزىس" پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئولىمپىكتىن بۇرۇن ياخشىلاشقا چاقىرغان ۋە " بىز خىتاينى مۇشۇ ئەخلاقى ۋەدىسىگە ھۆرمەت كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز" دېگەن ئىدى.

نيۇيورك قۇياشى خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، روگگېنىڭ مەزكۇر پوزىتسىيىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قايتۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باياناتچىسى جياڭ يۇ، جاكۇس روگگېنىڭ ئولىمپىك پرىنسىپىغا ئەگىشىپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: " مەن ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللايدىغانلىقىغا ۋە ئولىمپىك نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىپ مۇناسىۋەتسىز سىياسىي مەسىلىلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن" دېگەن.

جاكۇس روگگې ئىلگىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتە خىتايغا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بېسىم ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى.