ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلدى

ئىسپانىيىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن لخاسا توپىلىڭىدا تىبەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ سۇنغان ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى قارار قىلدى.

تىبەتنى ھىمايە قىلىش كومىتېتى ۋە باشقا 2 تىبەت تەشكىلاتى 9 ‏ - ئىيۇل كۈنى ئىسپانىيە سوت مەھكىمىسىگە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇئاڭليېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 نەپەر خىتاي رەھبىرى ئۈستىدىن ئەرىز سۇنۇپ، بۇ كىشىلەرنى تىبەت خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئىسپانىيىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مىللىي سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى " ۋەقە توغرىسىدىكى ئەرزنى تەكشۈرۈپ كېسىم چىقىرىشقا لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقى"نى بىلدۈردى.

ئىسپانىيە 2005 ‏ - يىلى قانۇن چىقىرىپ،" ئەرزى - شىكايەتنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى"نى قوبۇل قىلغان شۇنداقلا ئىسپانىيە سوت مەھكىمىلىرى باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە دائىر ئەرز - شاكايەتلەرنى كۆرۈپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئىدى.

تىبەت تەشكىلاتلىرى ئىسپانىيە قانۇنىدىكى بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن يۇقىرىقى 7 نەپەر خىتاي رەھبىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. ئەرز قىلىنغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ھازىرقى تىبەت پارتكومىنىڭ سېكرىتارى جاڭ چىڭلىمۇ بار. ئەرز قىلىنغۇچىلار 14 ‏ - مارت كۈنى تىبەت مەركىزى لخاسادا يۈز بەرگەن خەلق ئىسيانىنى باھانە قىلىپ، تىبەت خەلقى ئۈستىدىن ئىرقىي تازىلاشنى يولغا قويۇش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.