ئا ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ تۈنۈگۈن ياپونىيىگە يېتىپ بارغاندا، ئۇنى خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى خادىملىرى، تىجارەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بىر كىچىك گۇرۇپپا توكيودىكى خانېدا ئايرودرومىدا قارشى ئالغان.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ياپونىيە باش مىنىسىتىرى ياسۇئو فۇكۇدا بىلەن كۆرۈشتى. ھەر ئىككىلىسى خىتاي بىلەن ياپونىيە 21 - ئەسىردە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
ياسۇئو فۇكۇدا مۇخبىرلار يىغىنىدا، شەرقىي دېڭىزدىكى نېفىتلىكىنى بىرلىكتە ئېچىش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خۇ جىنتاۋ بولسا، دالاي لاما ھەقىقىي رەۋىشتە بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنى توختىتىپ سۆھبەت ئۈچۈن شارائىت يارىتىشى لازىم' دېگەن، شۇنداقلا يەنە، ئاڭلىسام جۇڭگونىڭ مۈشۈك ئېيىقى ياپونىيىدە ئۆلۈپ كېتىپتۇ، بىز يەنە بىرنى تەقدىم قىلىمىز' دېگەن.
