ياپونىيە مۇخبىرى قەشقەردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدى

دۈشەنبە كۈنى، قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە ئاخبارات ئىگىلىۋاتقان چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىم ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاي ساقچىلىرى ياپونلۇق ئىككى مۇخبىرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.

ۋەقەدىن كېيىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىروشى سۇزۇكى ۋە ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەزكۈر ۋەقە توغرىسىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېرىتانىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە قەشقەردىكى خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىم ئوفېتسىرلىرى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئىككى نەپەر ياپونلۇق مۇخبىردىن كەچۈرۈم سورىغان ۋە مۇخبىرلارنىڭ بېيجىڭغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن دوختۇر تەكشۈرۈش ھەمدە داۋالىنىش ھەققىنى بەرگەن.

بىرلەشمە ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، قەشقەردە ساقچىلارنىڭ زورلۇق زومبۇلۇقىغا ئۇچرىغان مۇخبىرلارنىڭ بىرى توكيو خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ، يەنە بىرى ياپونىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئۇلار قەشقەردە چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ھەققىدە ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە نەق مەيداندا زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. خىتاي ساقچىلار ئۇلارنى مەجبۇرىي ساقچىخانىغا تۇتۇپ ئاپىرىپ يۈزى ھەمدە بەدىنىنىڭ قوساق قىسىملىرىغا ئۇرغان، سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتلىرىنى چېقىپ تاشلىغان.

خوڭكوڭ ئاخبارات دائىرىلىرى بۈگۈن، خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنىڭمۇ قەشقەردە ۋەقە يۈز بەرگەن مەيداندىكى زىيارىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، قەشقەردە يۈز بەرگەن - 4ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە كوچىلارنى قامال قىلىش، ئادەم تۇتۇش قاتارلىقلار ئالاھىدە جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىي ھالەتكە ئېلىپ كىرگەن.