ياپونىيىدىكى بىر ئىبادەتخانا ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتۈۋېلىشنى رەت قىلدى

ياپونىيىنىڭ ناگانو شەھىرىدىكى زېنكوجى ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىپلىرى خىتاينىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن نارازى بولۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا ساھىپخانلىق قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتى.

زېن كوجى ئىبادەتخانىسىنىڭ قارارى دائىرىلەرنى مەشئەلنى يەتكۈزۈش پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى. ئىبادەتخانا خادىمى شىنشو ۋاكاۋمى جۈمە كۈنى خىتاينى " تىبەت دىنىي زاتلىرى ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلسا، خىتاي ئۇلارنى باستۇردى "دەپ ئەيىبلىگەن.

ياپونىيە باش مىنىستىرى ياسۇ فۇكۇدا ئىبادەتخانا دائىرىلىرىنىڭ قارارىنى ئولىمپىك تەشكىللىگۈچىلىرى ئۈچۈن بىر " تەلەيسىزلىك"، دەپ ئاتىدى. ناگانودىكى زېنكوجى ئىبادەتخانىسى ئولىمپىك تارىخىدىكى ئالاھىدە بىر جاي بولۇپ، 1998 ‏ - يىلى ناگانو قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقى ۋە 1964 ‏ - يىلى توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش قوڭغۇرىقى مۇشۇ ئىبادەتخانىدا چېلىنغان. شۇڭا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تەشكىللىگۈچىلەر بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ياپونىيىگە يېتىپ كەلگەندە مەشئەلنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىنى ناگانودىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك سەۋەبلىرىدىن ئولىمپىك مەشئىلىنى قارشى ئېلىشنى مەزمۇن قىلغان بىر ئاممىۋى پائالىيەتنى بىكار قىلدى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىگە مەشئەلنى قوغداپ ماڭغان مۇھاپىزەتچىلەرنى ئەۋەتمەسلىك تەلكىنىدە بولدى. ئالدىنقى كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماساخىكو كومۇرا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىگەن.