ياپونىيە ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇرانلىرىغا ئېرىشمەكچى

ياپونىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى قويۇقلاشتۇرماقتا. بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقلىرىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.07.20

 ياپونىيە قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان بىلەن گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش ھەم قېزىش ئىشلىرىدىمۇ ھەمكارلىشىش قەدەملىرىنى باسقان بولۇپ، ياپونىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ئورۇنلارغا قىزىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ Mitsui. we CO, LTDشىركىتى ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەتلىك گېئولوگىيە ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى كومىتېتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، بىرلىكتە شىركەت قۇرۇپ، ئۆزبېكىستاندا ئۇران كانلىرىنى ئىزدەش ھەم قېزىش ئېلىپ بارماقچى بولغان.

بۇنداق ئۇران ئىزدەش تەكلىپى ياپونىيە تەرەپتىن 2007 - يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئەگەر ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئۇران قېزىشنى ئىشقا ئاشۇرسا، ئېرىشىلگەن ئۇرانلارنى ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قۇرۇش ئۈچۈن سېتىش ۋە ئىشلىتىش مەقسەتلىرىگە يېتىدىكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇران زاپاسلىرى مول بولۇپ، نۆۋەتتە، رۇسىيە، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن ئۇران ساھەسى بويىچە سودا ۋە قېزىش كېلىشىملىرى تۈزگەن ئىدى. ئۇران يادرو قوراللىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قىممەتلىك رادىئاكتىپ ماددا ھېسابلىنىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.