ياپونىيە ھەربىي پاراخوتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتايغا قەدەم باستى

ياپونىيە ھەربىي پاراخوتى، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى جانجياڭ پورتىغا قەدەم باستى. پاراخوتتا بۇ قېتىم ئېلىپ كېلىنگىنى قورال - ياراق ئەمەس بەلكى ياردەم ئەسلىھەلىرى. شۇنداقتىمۇ، بۇ پاراخوت يەنىلا بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.24

 پاراخوت، سىچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە سەپەر قىلغان. پاراخوتتا ئەدىيال، بېرىزىنت، دورا - دەرمەك قاتارلىق ياردەم ئەسلىھەلىرى توشۇلغان.

بۇ ياپونىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم خىتاي تېررىتورىيىسىگە قەدەم بېسىشىدۇر. تارىخىي ۋەقەلەر سەۋەبلىك ياپونىيە ھەربىي پاراوخوتىنىڭ خىتاي تېررىتورىيىسىگە قەدەم بېسىشى خىتاي جەمئىيىتى ئۈچۈن سەزگۈر بىر مەسىلىدۇر. ئالدىنقى ئايدا ياپونىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ خىتايغا ياردەمگە كېلىدىغانلىق خەۋىرى خىتاي ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىدى. شۇڭا بۇ نارازىلىقنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ روشەن ئاشكارىلىنىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

بۈگۈن يەنى سەيشەنبە خىتاي تاشقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ياپونىيە ھەربي پاراخوتىنىڭ خىتايغا كېلىشىنى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. ھەم ئۆزىنىڭ خىتاي خەلقى بۇنىڭغا قاراىتا نارازى بولمايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.