ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ زىيارىتىدە خىتايغا تىبەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارى خۇسېي مانۇئېل بارروسو كېلەر ھەپتە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تىبەتتىكى نامايىشنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقى ئۈستىدە " تىغمۇ ‏ - تىغ" ئېلىشىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.18

ياۋروپا كومىتېتىنىڭ 9 نەپەر كومىسساردىن تەشكىللەنگەن بارروسو يېتەكچىلىكىدىكى زىيارەت ئۆمىكى كېلەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى بېيجىڭدە ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ. زىيارەت جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشىدىغان زىيارەت ئۆمىكى يەنە، خىتايلار بىلەن سودا ۋە يەر شارى ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆزلىشىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەڭ شىددەتلىك تەنقىد قىلغان خەلقئارا گەۋدىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن ياكى ۋاز كېچىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 ياۋروپا كومىتېتىنىڭ زىيارەت ھەققىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن " پرېزىدېنت بارروسو خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ياشلار فېستىۋالى - ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان تۇرۇپمۇ، باستۇرۇش ۋە قىزىققانلىقتىن ۋاز كەچمىگەنلىكىگە قارشى تىغمۇ - تىغ تۇرماقچى." 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.