ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە - گرۇزىيە مەسىلىسى ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.08.31
2008.08.31
رۇسىيىنىڭ ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غۇل - غۇلىسى كۈچەيگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇرۇنلا رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيەگە ئەسكەر كىرگۈزۈشىنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە موسكۋا بىلەن تىبلىس ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمۇ تۈزۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىدى.
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بروۋن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۈپتىن قايتا ئويلىنىش كېرەك، رۇسىيىنىڭ ئېنېرگىيە ئارقىلىق ياۋروپانىڭ گېلىدىن بوغۇشىغا يول قويماسلىق كېرەك دەپ تەكىتلىگەن.
گرۇزىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىن رۇسىيە ناتو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىمۇ توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان ھەتتا رۇسىيە سىياسەتچىلىرى ئارىسىدا رۇسىيە ياۋروپانى گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش كېرەك دەيدىغان پىكىرلەرمۇ مەيدانغا چىققان. چۈنكى، رۇسىيە ياۋروپانى تەبئىي گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەتتۇر.
رۇسىيىنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ئامېرىكىنىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ھېچ قانداق دۆلەت بۇ ئىككى مەملىكەتنى ئېتىراپ قىلمىغان. بۇ ئەھۋال رۇسىيىنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى سوغۇقلاشتۇرماقتا.