مۇتەخەسسىسلەر: «سېربلارنىڭ كوسوۋو مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان مىللىي قىرغىنچىلىقى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئارىسىدا مەلۇم ئوخشاشلىقلار بار»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.05.09
xi-jinping-vuchich خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇچىچ بېلگرادتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئىككى تەرەپلىك ھۆججەتكە ئىمزا قويغاندىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 8-ماي، بېلگراد
AFP

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ئالتە كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتىدە ياۋروپا ۋە خىتاي ئارىسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سودا جىددىيچىلىكى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى مەلۇم. زىيارەت جەريانىدا شى جىنپىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى، خىتاينىڭ سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەيىبلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ رەقىبى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا ئامېرىكاغا قارشى سېربىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولالايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. مۇتەخەسسىسلەر، سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كوسوۋو مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

 «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» (New York Times) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ سېربىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىدىن بۇرۇن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى، يەنى 1999-يىلى خىتاينىڭ سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرى ئەينى ۋاقىتتا سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى (ئاساسلىقى دۆلەت قوللىشىدىكى سېربىيە مىللەتچى كۈچلىرى) نىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كوسوۋو مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقى (ئاساسلىقى سېربىيە) گە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش قارارىنى ئالغان ئىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنى «بومباردىمان» قىلغانلىقىغا ئىزاھات بېرىپ، سىلوبىدان مىلوشېۋىچ رەھبەرلىكىدىكى سېربىيە مىللەتچى قىسىملىرىنىڭ كوسوۋودىكى مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېتىلغان بومبىنىڭ خاتا ھالدا بېلگرادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) شى جىنپىڭنىڭ سېربىيە زىيارىتىدىن بۇرۇن قىلغان بۇ باياناتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

 «شى جىنپىڭ ھازىر سېربىيەدە. ئەلۋەتتە، سېربىيە رۇسىيە بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، سېربىيە ياۋروپادا ئۆزىنى قوغداۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا زىيارىتىنىڭ باشقا بىر مۇھىم تەرىپى بار. شى جىنپىڭ زىيارەت قىلغان بو دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياۋروپادىن ئايرىشنى، يەنى ئۇلارغا ياۋروپادىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ياۋروپادا ئۆزىنى قارشى ئالىدىغان دۆلەتلەرنى ئىزدەۋاتىدۇ. خىتاي بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن بىر سەۋەب ئىزدەۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ رۇسىيەگە يېقىن تۇرۇپ ئامېرىكاغا قارشى چىقىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. شى جىنپىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى، يەنى 1999-يىلى خىتاينىڭ سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەيىبلەش ۋە بۇ باياناتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ رەقىبى ئىكەنلىكىنى سىېربىيەگە كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنى خىتاي ئامېرىكاغا قارشى سېربىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ» .

ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرى شى جىنپىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن NATO نىڭ 1999-يىلى بېلگرادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كوسوۋو مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئوخشاشلىقلار مەۋجۇتمۇ؟

 تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ۋاقىتلاردا بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بومباردىمان قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقاچان سۆز قىلمىغان. ھازىر مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى بىر ئىتتىپاق تەشكىللەش ۋە ئامېرىكادىن ئۆچ ئېلىش نىيىتى بار. سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كوسوۋو مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقلار بار، دەپ قارايمەن. »

 «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كاندىداتى سېربىيە 8-ماي كۈنى، يەنى بۈگۈن «ئورتاق كەلگۈسى» بەرپا قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. سېربىيە بېيجىڭ بىلەن بۇ خىل ھۆججەتكە ئىمزا قويغان ياۋروپادىكى تۇنجى بالقان دۆلىتى بولۇپ قالغان.

ھازىر بېرلىندا تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىنسانشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) خىتاي بىلەن سېربىيەنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىمزالانغان «ئورتاق كەلگۈسى» بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم ھەققىدە كۆز قارشىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتىنىڭ مەقسىتى، ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئاقلاش، خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ۋە ئامېرىكاغا قارشى كۆچ توپلاش ئۈچۈندۇر. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيە-خاماس ئۇرۇشى تۈپەيلى دۇنيادا ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەرمەكتە. بۇ كىرىزىس سېربىيەدە بەك ئېغىر. بۇ سەۋەب تۈپەيلى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا سىېربىيەگە ياردەم قىلالمىدى ياكى كۆپلەپ مەبلەغ سالالمىدى. ئەكسىچە خىتاي سېربىيەگە سالغان مەبلىغىنى كۆپەيتتى. سېربىيە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە موھتاچ بولغانلىقى ئۈچۈن ‹ئورتاق كەلگۈسى› بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. »

 «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ سېربىيەدىكى قۇرۇلۇش، قاتناش، ئۇل ئەسلىھە ۋە باشقا تۈرلەرگە سالىدىغان مەبلىغى 20 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.